خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش فاڭجېن – سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش فاڭجېن – سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنى پەقەت زورايتىشقىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرەققىي قىلدى. پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيەمىز مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى مەسىلىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشىكنى چوڭ ئېچىپ بەردى. 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۈچكە ئايلاندى، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي ساھەگە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ئاساسىي گەۋدىگە، دۆلەت باج كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، خەلقئارا بازارنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلار باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، قەتئىي بوشاشماسلىقتەك كۈرەش قىلىش روھى بىلەن مىڭلىغان – مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرنى جاسارەت بىلەن تىرىشىش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللىدى، يېتەكلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يارىتىلىشىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى