باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىن يىغىنى ئاچتى

  ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.11.02 13:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئاپتونوم رايون دىققەتنى، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار، تارماقلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق بارلىق كادىرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىلىپ، مۇقىملىق ئاساسى پۇختىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئالغا سىلجىتىلدى، ئاممىۋى ئاساس پۇختىلاندى، جەڭگىۋار قورغان مۇستەھكەم بەرپا قىلىندى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت – سائادىتى ئاشۇرۇلدى، بېيىش يولى كېڭەيتىلدى، ئەلرايى، ئەل كۈچى مۇجەسسەملەندى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى زورايتىلدى. جايلار، ئورۇنلار چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا، ئۇزاققىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تونۇش تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، ئوبيېكت تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، ۋەزىپە تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، ئۆلچەم تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، يول تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، مەبلەغ تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، كەيپىيات تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، نىشان تېخىمۇ ئېنىق بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتەك جاسارەت ۋە چىدامچانلىق بىلەن، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام تەلىپىنى چىڭىتىش، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش، خىزمەت كۈچلىرىنى سەرخىل، كۈچلۈك سەپلەپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بولۇپمۇ كەنتتە تۇرۇۋاتقان كەڭ كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەت تەمىناتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش، ماكانلاشتۇرۇش، كەسىپ بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىخلاس بىلەن، مېھرى بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر