باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ۋاقتى باشلاندى

2018.11.05 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيادىكى تۇنجى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتە دۆلەت سودىغا مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى، كارخانىلارنىڭ سودا كۆرگەزمىسى، خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد سودا مۇنبىرى قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەق بولدى، جۇڭگودا «ئىمپورت كۆرگەزمىسى ۋاقتى» باشلاندى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كارخانىلار كۆرگەزمىسى مال سودىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كارخانىلار كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى 270 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 3000 نەچچە كارخانا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە كەسىپتىكى باشلامچى كارخانىدىن 200 نەچچىسى بار، 100 نەچچە خىل يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

  شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆرگەزمىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى باش دىرېكتورىنىڭ ياردەمچىسى تيەن يېيۇڭ كارخانىلار كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق كۆرۈش جەريانىنى«مۆجىزە» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 270 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆلەم كۆرگەزمە كەسىپىدە ئاساسەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدۇ، تەييارلىق كۆرۈشتىن كۆرگەزمىگە چاقىرىشقىچە، كۆرگەزمە ئورنىنى ئالدىن تىزىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى توشۇشقىچە، كۆرگەزمە سۇپىسىنى قۇراشتۇرۇشتىن ئاخىرى تاماملاشقىچە، بىر يىلغا يەتمەيدىغان ۋاقىت سەرپ قىلدۇق. يېقىنقى بىر مەزگىلدە بىز يەنە تۈرلۈك يوللار بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 150 مىڭدىن ئاشىدىغان كەسپىي سېتىۋېلىش كارخانىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تاماملىدۇق.

  دۆلەت كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جۇڭگودىن باشقا، يەنە 81 دۆلەت ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى ، خەلقئارا سودا مەركىزى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، پەقەت كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، سودىغا پۈتۈشمەيدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى تەييارلىق كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ھەر قايسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر سودا توختامى تۈزۈش، مەدەنىيەت ئويۇنلىرىنى قويۇش، كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش، بۇيۇملارنى نامايەن قىلىش يىغىنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر بىر دۆلەتنىڭ كۆرگەزمىگە تەشكىللەش ئاپپاراتى جۇڭگونىڭ تېخنىكا خادىملىرى بىلەن تەپسىلىي سۆزلەشتى ھەمدە لايىھەلىدى، ئۇزۇن مەزگىل تەييارلىق كۆردى. شۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى كۆرسىڭىزلا، شۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، ئەنئەنىسى، دىن ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ھەم جۇڭگوغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئىدىيەسى ۋە ئۇچۇرىنى بىلەلەيسىز.

  بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد سودا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنداقلا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۈچ مەيدان سودا بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنبەر بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تالىشىش ۋە چىڭ تۇتۇش، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش قاتارلىق قارالمىلار قىزىق نۇقتا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر