باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.11.02 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- نويابىر كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دائىم بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم، بىز دائىملىق ئالاقىنى ساقلىشىمىز لازىم. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشنى خالايمەن، بىز بەزى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلالايمىز. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىزنىڭ ئۇچرىشىشىمىز ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگوغا قارىتا ئېكىسپورتنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي كوللىكتىپلىرى ئالاقە ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىشى زۆرۈر. مەن ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قوللايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن يەنە تېلىفونلاشقىنىمدىن خۇشالمەن. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىرىنسىپال مەيدانىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ مەن بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئارگېنتىنا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە باشقا زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن. بىز ئىككىمىز جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايمىز، بىز تىرىشىپ بۇ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر