باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جامائەتچىلىك: جۇڭگو-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى مول ئىجابىي بولدى

2018.11.05 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى. خەلقئارا جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتى مول ئىجابىي بولدى، بۇ سىرتقا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىدەك سىگنالنى چىقاردى دەپ ھېسابلىدى.

  بولوبېرگ ئاگېنتلىقى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتى ئامېرىكا-جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ ئۆتكەن ئالتە ئايدا سىرتقا ئېلان قىلغان تۇنجى تېلېفون سۆھبىتى، ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ سودا مەسىلىسى ۋە يادرو مەسىلىسىنى ئىجابىي مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» ئاق ساراي دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كارلونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: زۇڭتۇڭ ۋە رەئىس قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە ئەسلىگە كەلمەكتە دېدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتى سىرتنىڭ سودا جىددىي ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈمىدىنى ئاشۇردى، دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ سودا ماجىراسىنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدەك خەۋەرنى كۆردى.

  ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تىرامپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سودا جېڭى پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىسىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

  ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى ئاخبارات تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ياخشى سۆزلىشىش سىرتتىكىلەرنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سودا ماجىراسىنى دوستانە ھەل قىلالايدۇ دېگەن ئۈمىدكە ئىگە قىلىدۇ .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر