باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5000 دىن ئارتۇق پىدائىي ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ

2018.11.05 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: 5- نويابىر ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ 5438 نەپەر پىدائىيلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئورنىغا چىقىپ بولغان بولۇپ، ئۇلار ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە كۆرگەزمىگە ياردەم كۈچىنى قوشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، %96 پىدائىي ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى ئىمپورت كۆرگەزمىسى پىدائىيلار قوشۇنىدىكى ئاساسلىق كۈچلەر ھېسابلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىمپورت كۆرگەزمىسى پىدائىيلىرى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارغا قارىتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بىر مەزگىل سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ كۆرۈش، ھەمدە ھەر قايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدا تەربىيەلىنىشى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈلۈشى ۋە يىغىن ئىشلىرىغا تەييارلىق كۆرۈشى قاتارلىق كونكرېت ۋە تەپسىلىي بولغان ئەمەلىي خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پىدائىيلار مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىمۇ كۈندىلىك مانېۋىر جەريانىدىكى ھەر قايسى ھالقىلارغا قارىتا تەكرار مانېۋىر ئېلىپ بېرىشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق، تەدبىرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورناتقان. بولۇپمۇ، قاتناش، يېمەك-ئىچمەك ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەت خىزمىتىگە قارىتا، تولۇق تەرتىپ مانېۋىرىنى كۆپ قېتىم تەشكىللەپ، ھەمدە مانېۋىر ئەھۋالىغا ئاساسەن پىدائىيلارنىڭ ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىپ ۋە پىدائىيلارنى يېتەكلەش خەرىتىسىنى لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

  بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتى باش بولۇپ، دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي) ئەتراپىدىكى رايونلار، قاتناش تۈگۈنلىرى، سودا دائىرىسى، مېھمانسارايلار ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتارلىق جايلاردا 315 شەھەر پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلدى. شۇ مەزگىلدە، شاڭخەي شەھىرى بويىچە 250 شەھەر پىدائىيلىرى مۇلازىمەت قوشۇنى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر