باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تاماكىنىڭ دېرىزە پەردىسى ۋە گىلەمگە سىڭىپ كەتكەن ئىسى ئۆيدە 200 كۈن ساقلىنىپ قالالايدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىگە ئۈچىنچى قول زىيانكەش بولۇپ خەۋپ يەتكۈزەلەيدۇ

زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى مۇتەخەسسىس: جۇڭگو تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى شيۇيى

2018.11.05 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاماكىنى ئۆزى چېكىش ۋە باشقىلارنىڭ چەككەن تاماكىسىنىڭ ئىسى بىلەن نەپەسلىنىش ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بىراق، سىزنىڭ تاماكىنىڭ ئۈچىنچى قول زىيىنىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ تاماكىنىڭ ئۈچىنچى قول زىيىنىنىڭ يوشۇرۇنۇشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ تېخىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ خىيالىغا كىرمەيدۇ. بىراق، بۇنىڭغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. "تاماكىنىڭ ئۈچىنچى قول زىيىنى" دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئامېرىكا خارۋارد راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، تاماكا تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسىنىڭ ئائىلە سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، تام، گىلەم، ھەتتا چاچ ۋە تېرە قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە سىڭىپ كەتكەن قالدۇرۇقلىرى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ساقلىنىپ قالالايدىكەن، ھەمدە خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ساقلىنىپ قالالايدىغان بۇ خىل تاماكا قالدۇقلىرىنىڭ تەركىبىدە نىكوتىن ۋە ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك بولغان ۋە راك پەيدا قىلىدىغان كۆپ خىل ماددا بولىدىكەن. تاماكىنىڭ ئۈچىنچى قول زىيىنىنىڭ بوۋاقلارغا بولغان خەتىرى ئىنتايىن زور بولىدىكەن، چۈنكى، بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى چوڭلارغا قارىغاندا بەكرەك سەزگۈر، ئىممۇنىتېتلىق سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل يېتىشمىگەن بولغاچقا، ھەمدە بوۋاقلار ھەرىكەتچان ۋە شوخ بولۇپ، قولىنىڭ ئېغىزى بىلەن ئۇچرىشىش ھەرىكىتى ۋە پۇرسىتى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، زىيانلىق ماددىلارنى ئېغىزىدىن ئاسانلا سۈمۈرۈۋالىدۇ ۋە ئۆزىگە يۇقتىرىۋالىدۇ.

  جۇڭگو تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى شيۇيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، تاماكا ئىسى بىلەن بۇلغانغان سافا، كىيىم-كېچەك، دېرىزە پەردىسى ۋە گىلەم قاتارلىقلار بىلەن قوللىرىمىز ئۇچراشقان چاغدىمۇ،بىز تاماكىنىڭ ئۈچىنچى قول زىيىنىغا ئۇچرايمىز، ئۇلارنىڭ زىيىنى بۇ ماتېرىياللار ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، چۈنكى بۇ يەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ «ياخشى كۆرىدىغان» جايى بولۇپ، ئۇ زىيانلىق ماددىلار ئۆي ئىچىدە ھەتتا 200 كۈنگىچە ساقلىنىپ قالالايدۇ. تاماكىنى ئۆزى چېكىشنى ئۇنىڭدىن ئىسلىنىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا،تاماكىنىڭ ئۈچىنچى قول زىيىنىنىڭ راك پەيدا قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى، تاماكا ۋە ئۇنىڭ ئىسى تەركىبىدىكى ئالاھىدە نىتروزامىن جەزمەن رەۋىشتە ھۈجەيرىگە كۆرۈنەرلىك زىيان يەتكۈزىدىكەن.

  جى شيۇيى مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: تاماكىنىڭ ئۈچىنچى قول زىيىنىغا قارىتا، كىشىلەر چوقۇم ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشىنى چوقۇم ياخشى قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى لازىم: بىرىنچىسى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تاماكا تاشلاش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا بولمىغاندا، چوقۇم ئۆيدە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك؛ ئىككىنچىسى، ئەگەر سىرتتا تاماكىنىڭ ئىس-تۈتەك پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىسىڭىز، ياكى ئۇزاق مۇددەت تاماكا ئىسى بولغان مۇھىتتا تۇرۇپ قالسىڭىز، ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن دەرھاللا كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېتىپ، يۇيۇنۇشىڭىز كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، كىچىك بالىلار ياكى ھامىلىدار ئاياللار، تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن ئاز ئۇچرىشىشى كېرەك؛ تۆتىنچىسى، تەركىبىدە كاروتىن ۋە ۋىتامىن C مول بولغان يېڭى مېۋە-چىۋىلەرنى ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك، يېشىل چاي ئىچسىمۇ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەر تاماكا ئىسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇلار زەخىملىنىشنى ئازايتىدۇ؛ بەشىنچىسى، ئۆي ئىچىدە دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، يېشىل ئۆسۈملۈك قويۇپ قويۇش، زۆرۈر بولغاندا ھاۋا تازىلىغۇچ ئىشلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر