باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو لايىھەسى دۇنيانى تەڭ ئۇتۇققا ئېرىشتۈرمەكتە

2018.11.05 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئايدىكى شاڭخەي بىر مەيدان كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋالدى، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ بويىدىكى دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزى پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا لىق تولدى. 2018-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

  دۇنيادىكى ئىمپورتنى باش تېما قىلغان تۇنجى چوڭ كۆرگەزمە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى كۆرگەزمە مەھسۇلاتىنىڭ %100 ئىمپورت قىلىنغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بىردىنبىر چوڭ كۆرگەزمە بولغان ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە روشەن جۇڭگو تامغىسى بېسىلغان، بۇ-دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دۇنياغا ئاتا قىلغان يەنە بىر جۇڭگو لايىھەسى.

  بۇ جۇڭگو لايىھەسىنىڭ يادروسى-ئېچىۋېتىش بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ئادەتتىكى كۆرگەزمە بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ بازارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشمىزدىكى زور سىياسەت ئۇقتۇرۇشىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز دېدى. يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ بازارلارنىڭ بىرى بولغان جۇڭگونىڭ ئىمپورت سوممىسى تەخمىنەن يەر شارى ئۈلۈشىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەپ، ئۇدا توققۇز يىل يەر شارى مال سودىسىدىكى 2-چوڭ ئىمپورت دۆلىتىلىك ئورنىنى مۇقىم ساقلاپ كەلدى. كەلگۈسى 15 يىلدا، جۇڭگو 24 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋار ئىمپورت قىلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق غايەت زور بازارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى شۈبھىسىزكى يەر شارى ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش-بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە جۇڭگو بازىرىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تېز پويىزىغا ئولتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  يەر شارى قاتنىشىش، ئەزىز مېھمانلارنى كەڭ دائىرىدە تەكلىپ قىلىش، يەر شارىدىن سېتىۋېلىش، يەر شارىغا سېتىشتىن ئىبارەت بۇ جۇڭگو لايىھەسى يەنە دۇنياغا جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، ئەركىن سودىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ دېگەن كۈچلۈك سىگنالنى چىقاردى. يەر شارىلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، تەتۈر يەر شارىلاشتۇرۇش پىكىر ئېقىمى ئەۋج ئېلىپ، سودا سۈركىلىشى ۋە سېلىنما قورۇقچىلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، ئىمپورت كۆرگەزمىسى كۆتۈرگەن يەر شارىلاشتۇرۇش چوڭ بايرىقى شۈبھىسىزكى يەر شارى سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ئېھتىياج ئاتا قىلىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قوشىدۇ. ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار يۈز خىلدىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىنى ئېلىپ كېلىپ، خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مەھسۇلاتلار ھەم مۇلازىمەت يۈزلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ، قۇدرەتلىك جۇڭگو بازىرى بۇلارنى تېزدىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىلار يەنە ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئىزدىنىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ يەر شارىلاشتۇرۇش سەھنىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولى ئارقىسىدا، بۇلار جەزمەن كەلگۈسىدىكى كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى قالتىس ئالقىشقا ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ، 130 نەچچە دۆلەت، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە كەسىپتىكى باشلامچى كارخانىدىن 200 نەچچىسى بار، كۆرگەزمە ئېھتىياجى كۆزلىمىدىن بەكلا ھالقىپ كەتتى، شۇڭا كۆرگەزمە سارايلىرى ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم كېڭەيتىلىپ، كۆلىمى %30 ئاشۇرۇلدى، بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان نۇرغۇن كارخانىلار ھەتتا بالدۇرلا 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس سۇندى. بۇ-ئىجادىي جۇڭگو لايىھەسىنىڭ قۇدرەتلىك چاقىرىق كۈچى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ ئېتىراپىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.

  دەرۋەقە ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ يالغۇز كىشىلىك كۈيى بولماستىن، بەلكى يەنە يەر شارىنىڭ ئومۇمىي خورى. بىز 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىدە يەر شارىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى بىرلىكتە ياڭرىتىشىنى كۈتمەكتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر