باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى ئېلىپ بېرىلدى، ئىمزالانغان مۇددىئانامە جەمئىي 1 مىليارد 178 مىليون يۈەنگە يەتتى

2018.11.05 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 2- كۈنى، «2018- يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى شىنجاڭ يوپۇرغا ناھىيەسىگە كىردى، ھەمدە نەق مەيداندا 50 مىليون 900 مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلاتىنى زاكاز قىلىش ئىمزالاندى. نۆۋەتتە، « 2018- يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى 6 كۈن داۋاملىشىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، ھەمدە خوتەن، قەشقەر ۋە يوپۇرغا قاتارلىق ئۈچ جايدا ئىمزالانغان مۇددىئانامە جەمئىي 1 مىليارد 178 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت 10- ئاينىڭ 29 - كۈنى باشلىنىپ، خوتەن، قەشقەر ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ يەردە پائالىيەت نۇقتىسى تەسىس قىلىندى.بۇ پائالىيەتكە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىشتىكى مەملىكەت بويىچە 60 نەچچە داڭلىق بازار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ سودىگەرلىرى قاتناشتى، ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى شۇ جايدىكى باشلامچى كارخانا، دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى 200 دىن ئارتۇق سۇبيېكت بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتتە، كۆرگەزمە قىلىش، مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، سېتىۋېلىش ئۈستىدە كېڭىشىشنى نامايان قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ، ئوبوروت ھالقىلىرىنى ئازايتىشقا كۈچەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق.

  جۇڭگو كۆكتات ئوبوروت جەمئىيىتى، جۇڭگو مېۋە-چېۋە ئوبوروت جەمئىيىتى، جياڭسۇ ئۆلكىسى كۆكتات جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر ۋە 60 نەچچە ئەزا كارخانىلارنىڭ ئورتاق ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا، بۇ جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتىدىن مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خوتەن، قەشقەر ۋە يوپۇرغا قاتارلىق ئۈچ جايدا ئىمزالانغان سېتىۋېلىش مۇددىئانامىسىدىكى ئومۇمىي سومما ئايرىم-ئايرىم ھالدا580 مىليون يۈەن، 548 مىليون يۈەن ۋە 50 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مېۋە-چېۋىلەر، مېۋە-چېۋىلەردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، ھەسەل، قوي، كالا گۆشى قاتارلىقلار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر