باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى: «بىر بەلباغ، بىر يول» دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ

2018.11.01 17:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى «يىپەك يولى» تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ھەسەن روستېلېر ئۈلۈشكۈن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «يىپەك يولى» تۈرى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

  ئوماننىڭ مىراس ۋە مەدەنىيەت ۋەزىرىنىڭ مىراس ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان روستېلېر ئوماننىڭ پايتەختى ماسخاتتا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك يىپەك يولى تور سۇپىسى خەلقئارا يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى تەڭ ئۇتۇق قازىنىش ئاساسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، يول بويىدىكى دۆلەتلەرنى غايەت زور نەپكە ئىگە قىلىدۇ، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشەببۇس، يەرشارىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن شۇنداقلا يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مىراس، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر