باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇسان سورىنتون: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ مەسىلىلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك

2018.11.01 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سابىق نوپۇزلۇق دىپلوماتى سۇسان سورىنتون 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ تۈپتىن پايدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، نۇرغۇن ساھەلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، مەسىلىلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  سۇسان سورىنتون مۇنداق دېدى: يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە بولغان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى زىچ باغلىنىشلىق. دۇنيا ئىقتىساد-سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى ساھە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  سۇسان سورىنتون مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا رىقابەت ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى باشتىن ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ، رىقابەت ۋە ھەمكارلىق تەڭ مەۋجۇت بولالمايدۇ، بۇ ئىككىسى بىر بىرىگە قارمۇ قارشى دېگەن سەپسەتە پۈتۈنلەي خاتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر