باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ساقلاش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.11.01 17:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ساقلاش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ).

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ھالقىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ساقلاپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، تۆمۈريول، تاشيول-سۇ يولى، ئايرودروم، سۇ قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەدىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم تۈرلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر