باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى

2018.10.30 14:46   مەنبە: خەلق تورى

چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) ئىككى يىلدىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن، شىنجاڭدا تۇنجى ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، مەملىكەت خەلقىنى يەنە بىر گۈزەل ھېس-تۇيغۇغا چۆمدۈردى. بۇ فىلىم ھەم فىلىمدىكى ئاساسلىق ئاكتىيورلار 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-بېكەت ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە داڭلىق كىنوخانىلاردا تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. فىلىم بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى، رومانتىكلىقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى نەپىس نامايان قىلىپ بەردى.

  «ئانارخان»، «مېنىڭ بايرىقىم»، «ئۆرۈك گۈللىگەندە»، «شۇنداق بىر گۈل بار»... قاتارلىق بىرقىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەم كىنو-فىلىملەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن كىنو فىلىملەرنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە زور تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ «داسىن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»دىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يېڭىچە ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭغا ئالاھىدە مېھرى بار، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ رېژىسسورلۇقىنى قىلغان بېيجىڭدىكى داڭلىق رېژىسسور يەن چىڭشيۇنى رېژسسورلۇققا تەكلىپ قىلىپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان.

  فىلىمدىكى باش رولنى «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇل» پىروگراممىسىدا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۈلمىھرە مەمەت بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە شۆھرەت قازانغان شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ياش ئۇسسۇلچىسى ئۈمىد ئوبۇل ئالغان بولۇپ، «جۇڭگونىڭ زامانىۋى ئۇسسۇل پېشۋاسى» دەپ نام ئالغان جىن شىڭ ئۇستازمۇ فىلىمدە رول ئېلىپ، فىلىمنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. فىلىم شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم يېتەكچىلىكىدىكى مەۋلان مەمتىمىن، ئەكبەر قاتارلىق بىر تۈركۈم قابىلىيەتلىك ياشلار ئۈستىگە ئالغان، ئۇسسۇلىنى ياش رېژسسور زەبىجان ئىشلىگەن بولۇپ، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك يۇغۇرۇلۇپ، فىلىمگە كىرىشتۈرۈلگەن گۈزەل مېلودىيە، يېقىملىق ئاھاڭ، نەپىس ئۇسسۇللار شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى يارقىن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

  فىلىمدە ئىلگىرى سەنئەت مەكتەپنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇپ، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر جۈپ قىز-يىگىت نازى بىلەن قەيسەرنىڭ مۇھەببەت ھېكايسى سۆزلەنگەن. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرىدە ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىسى ئۆز يوللىرىغا راۋان بولغان بىلەن ھەر ۋاقىت بىر-بىرىنى ئەسلەپ تۇرغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇلار قايتىدىن ئۇچرىشىپ، ئورتاق ئارزۇ، بىر-بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى بىلەن يەنە جەم بولغان. ئاخىرىدا ئۇقۇشماسلىقلار يېشىلىپ، بۇ ئىككى ياش ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق مۇھەببىتىنى بىر-بىرىگە ئىزھار قىلىشىپ، ھاياتىنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن داۋاملاشتۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

  فىلىمدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى، تۆت پەسىلدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ زامانىۋى، خاتىرجەم، باي-باياشات تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەر ۋە تەرەققىياتلىرى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەرنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنغان.

  ئىچكىردىكى تاماشىبىنلار فىلىمغا يۇقىرى باھا بېرىپ: شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ناخشا-ئۇسسۇللىرى، قىز-يىگىتلىرىمۇ ئىنتايىن گۈزەلكەن، بۇ فىلىمدىن ناھايىتى زوقلاندۇق، ئىنتايىن ھۇزۇرلاندۇق، بۇ فىلىم مەملىكەت ساھەسىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ئالقىشلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل فىلىم بوپتۇ، دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى. شىنجاڭلىق تاماشىبىنلار: ھىندىستاننىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتۇق، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. بۇ فىلىم ھەر بىر كىشىگە زور مەنىۋى زوق ئاتا قىلغۇسى.

  جۇڭگونىڭ «زامانىۋى ئۇسسۇل پېشۋاسى» جىن شىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى. جۇڭگودا ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەشكە شىنجاڭدىنمۇ ئارتۇق نامزات يوق ئىدى، بۇ فىلىم جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى، شۇڭا فىلىم تۇنجى قويۇلۇشىدىلا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور تەسىر قوزغىدى. بۇ فىلىم شىنجاڭنى تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  فىلىمنىڭ رېژسسورى يەن چيۇشيۇ تاماشىبىنلارغا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز خەلقىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەرگە بولغان ئىھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك، خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەر پەقەت ھوللىۋود كىنو فىلىملىرىدىلا بار، دەپ ئويلايتتى. بۈگۈن تاماشىبىنلار ئۆز ئەتراپىدىكى گۈزەللىكنى ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا كۆرگەندەك گۈزەل تۇيغۇغا ئىگە بولدى. بۇ فىلىم ئارقىلىق شىنجاڭدىكى زامانىۋى مەدەنىيەت، ياشلاردىكى ئىلغار ئىدىيە ناھايىتى روشەن ئىپادىلەندى، شۇڭا بۇ فىلىم پەقەت شىنجاڭ خەلقىنىلا ئۆزىگە جەلپ قىلىپ قالماستىن، پۈتكۈل مەملىكىتىمىزدە ناھايىتى ئالقىشلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى