باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

2018.10.31 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلەت ئۈچۈن، شياڭگاڭ ئۈچۈن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە زاتلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئالاقە باغلاپ، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىزغىن قوللاپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلىدى، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  ۋاڭ ياڭ بىرلەشمە دوستلۇق ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، داۋاملىق باشلامچىلىق بىلەن «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە ئاكتىپ ئىشلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە شياڭگاڭنىڭ يوللىرى راۋان ۋە ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئىچكى جايلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىشىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پائالىيەتلىرى جەريانىدا دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم شۇنداقلا، ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، شياڭگاڭلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.يۇ چۈەن ۋە شيا باۋلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر