خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىشىلەر شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ مارالبېشى بازىرىدىكى «يەكشەنبە بازاردا زىبۇ-زىننەت سېتىۋالماقتا.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى مارالبېشى بازىرىدا «يەكشەنبە بازار» بولۇپ، ھەر قايسى يېزىلاردىن كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بازارغا كېلىپ تاۋار سېتىۋالىدۇ، نازۇ- نېمەتلەرنى يەپ، چارۋا سودىسى قىلىپ، راھەت تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مارالبېشى بازىرىنىڭ بازىرى ھەر يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بازار ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى