باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى توققۇز ئايدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى %19.8 كۆپەيدى

ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس بولۇش مەسىلىسى پەسەيتىلىدۇ (دۆلەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا)

2018.11.01 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش مەقسەت قىلىنغان بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. نۆۋەتتە، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى قانداق؟ 30- چېسلا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو بانكا ـ سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جاۋشىڭ ۋە كۆپلىگەن بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.

  ۋاڭ جاۋشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 9 -ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇل قالدۇقى 8 تىرىليون 900 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.8 ئاشقان، تۈرلۈك قەرز پۇل بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 30 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 18 ئاساسلىق سودا بانكىلىرىنىڭ ئۈچ پەسىلدە يېڭىدىن تارقىتىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %6.23 گىچە كونترول قىلىنغان بولۇپ، 1-پەسىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 0.7 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ كەتكەن. 1-ئايدىن 9- ئايغىچە، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى ۋە قەرز پۇل كاپالىتى سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت قىلغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سانى 500 مىڭغا يەتكەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بانكا- سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى پۇقراۋى كارخانىلار دۇچ كەلگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىغا قارىتا ئالاھىدە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. كېيىنكى قەدەمدە، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بانكا ئاساسىي قاتلام ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملارنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىش ئۈچۈن رەنىگە تايىنىشىنى تۆۋەنلىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى، بازار رىقابەت ئىقتىدارى، مالىيە ئەھۋالى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئاساسلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كېپىلسىز، رەنىسىز قەرز پۇل تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەرزنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قەرز پۇل تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇرىدۇ.

  ۋاڭ جاۋشىڭ مۇنداق دېدى: ئوخشىمىغان تىپتىكى كارخانىلارغا قارىتا، بانكىلار ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈشى، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. مەسىلەن، بەزى ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى كارخانىلار ۋاقىتلىق ئوبوروت قىيىنچىلىقىغا يولۇققاندا، ئەگەر كارخانىنىڭ ئىستىقبالى بار، مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى بار، تېخنىكىسى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولسا، كەلگۈسىدە يەنە بەلگىلىك زاكاز ۋە نەق پۇل ئېقىمى بار بولسا، بۇ خىلدىكى كارخانىلارغا بانكىلار قەرز بېرىشنى توختاتماسلىقى، قەرزنى بېسىپ قويماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە، ئەگەر كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى يىرىك، مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ئاجىز، تېخنىكىسى قالاق بولسا، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن، بەزىلىرى ھەتتا «مۇردا كارخانا» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنى تەدرىجىي چېكىندۈرۈپ چىقىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر