باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

«نىزام»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى، ما سېنشۇ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى

2018.10.31 13:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، جى جېڭ، ياڭ شىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار قاتناشتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قانۇن- نىزام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما سېنشۇ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. ما سېنشۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى چۆرىدەپ، بۇ قېتىمقى «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسىي مەقسىتى، ئاساسىي مەزمۇنى قاتارلىق جەھەتلەردىن باب- ماددىلار بويىچە چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن جانلىق دەرس ئۆتتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «نىزام»غا يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى، ئەمەلىيىتى ۋە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى، زور كۈچ بىلەن تۈزۈم ئورنىتىدىغان، قائىدە تىكلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان روشەن يۆنىلىشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم تارقىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قايتا ئاتلىنىشنىڭ سىياسىي بۇرغىسىنى چالدى، بۇ مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئۇنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، «نىزام»نىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، «نىزام»نىڭ روھى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. «نىزام»نىڭ روشەن سىياسىي خاراكتېرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزامدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نوپۇزىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. «نىزام»دا نامايان قىلىنغان دەۋرىيلىكنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىگىلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە قىممەت يۈزلىنىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، مۇقىم تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. «نىزام»دا كۆرسىتىلگەن قاراتمىلىقنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھېچقانداق ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام، قائىدىنى ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، كادىرلار قوشۇنى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى قەتئىي تۈزەپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «نىزام»نى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، كۆپ شەكىللىك، قاتلاملارغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرنى قەلبىگە سىڭدۈرۈشى، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»دىكى يېڭى ئۆلچەم، يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، تەشكىلات تارماقلىرى تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قويۇق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كەيپىياتى يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «نىزام»نى ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشتىكى «پاسسىپ تىزىملىك» قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام ئېڭى ۋە قائىدە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئەينەن ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، «نىزام»نى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىدە نامايان قىلىپ، ياخشى ئىنتىزام ئىستىلى ۋە روھىي قىياپىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيىتى، يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا (بازار)لاردا تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، پارتكوم كۆزىتىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ھەرقايسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر