باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2018.11.01 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى 30- چېسلا بوتسۋانانىڭ پايتەختى گابورونېدا رەسمىي قۇرۇلدى، جۇڭگولۇق ناخشىچى جۇ مىڭيىڭ، نىگېرىيە فېدېراتسىيەسى سەنئەت ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاۋتۇن• سايگون • لودى جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسلىرى بولدى.

  شۇ كۈنى كەچ، بوتسىۋانا سەنئەتكارلىرى ۋە جۇڭگو شېنجېن تاشقى ئالاقە سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ۋە سېرك ئويۇنى قاتارلىق ئېسىل نومۇرلارنى ئېلىپ كەلدى. جۇ مىڭيىڭ «ئۆيگە قايتىش» دېگەن ناخشىنى ۋە يەنە ئىككى ئافرىقا ناخشىسىنى ئېيتتى، نەق مەيداندىكى كەيپىيات قىزغىن بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى ھازىر جۇڭگونىڭ بېيجىڭ، ئەنقەرە، نىگېرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، زامبىيە ۋە تانزانىيە قاتارلىق جايلاردىكى تارماق ئاپپاراتلىرىدا تەييارلىق قىلىۋاتماقتا، ھەمدە تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋە خادىم تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر