10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە، يىللىق ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئارتىس لى بىڭبىڭ سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئامېرىكا كىنو فېستىۋالى 30-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە باشلاندى، جۇڭگو-ئامېرىكا كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى نەچچە يۈز زات ھوللىۋۇدتىكى رىكاردو مونتالبان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى