باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ

سودا مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2018.10.30 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى، قوشۇمچە مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ زىيىڭ شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ بىڭنەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  فۇ زىيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە دۇنياغا جاكارلىغان. جىددىي تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. شۇ چاغدا تەخمىنەن 150تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ بويىچە يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  فۇ زىيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، شى جىنپىڭ ئەر-ئايال كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەتلىك سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر