باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى قازاقىستان ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.10.31 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە قازاقىستان ئاقىللار ئامبىرى، ئەلئارا تەشكىلاتلار ۋە قازاقىستاندىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستان تەرەپكە شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ئەھۋالى، مىللەت-دىن سىياسىتى، قازاق ئاممىسىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  قازاقىستان دۇنيا قازاقلار قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى تۇرىسبېكوۋ مۇنداق دېدى: تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ دۈشمىنى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۈرۈش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى- قازاقىستاننىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر