باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

سۈن چۈنلەن خانىم بىلەن گولىكۇركوۋا خانىم بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.10.31 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى سۈن چۈنلەن خانىم 30-چېسلا بېيجىڭدا رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، ھەم بۇ ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى گولىكۇركوۋا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سۈن چۈنلەن خانىم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ئالاقىسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ئاستىدا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلاردا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى كۈچەيتىلدى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە قەدەم قويۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى.

  سۈن چۈنلەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى بولسا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئىككى تەرەپ چوقۇم جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش خىتابنامىسى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، مەدىنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، كىنو، تاراتقۇ، ساياھەت، ياشلار ۋە ئارخىپ ماتېرياللار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشلىرى كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە باشلامچىلىق قىلىش، ھەمدە سىياسەت ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشتەك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان ئەلئارا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە يەرلىكلەرنىڭ قاتنىشىشىنى جەلب قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى زورايتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر