باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامرات رايونلار ئالاقە تورىدا داۋالاش مۇلازىمىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ

2018.10.31 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كۆك نامرات رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى قاتناش قولايسىز ، چەت يىراق جايلاردا بولغاچقا، ئاممىنىڭ سىرتلارغا چىقىشى ئاسان ئەمەس ئىكەن. نامرات رايونلار شارائىتى يار بەرسە ، ئىنتېرنېتتا داۋالاش مۇلازىمىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈستىدە نۇقتىلىق ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاممىنى يىراق جايلارغا بارماي چوڭ شەھەرلەرنىڭ داۋالاش بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

  دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جايلار دەرىجە بويىچە داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، نامرات ئاممىنى ئۆز جايىدىلا قولاي، ئەرزان ، خاتىرجەم ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش لازىم . ئائىلە دوختۇرلىرى نامرات ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئەلچىلىرى، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمەت ھەققى داۋالىنىش كاپالىتى چىقىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈش كېرەك .

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەلگىلىمە بويىچە يۆتكىلىپ داۋالىنىدىغانلارغا قارىتا ، ئۆلكە دائىرىسى ئىچىدە باشقا جايدىن كەلدى دەپ قارىماي، راسچوتتا سۇغۇرتىغا قاتناشقان بىر تۇتاش غەملەش رايونلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان چىقىم قىلىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىپ ، بالنىستتا يېتىش ھەققى ئۈزلۈكسىز ھېسابلىنىپ پۇل چىقىم قىلىنىپ ،يېزىلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجى ئامال بار ئۆلكە ئىچىدە ھەل قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر