باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېڭى دەۋرگە پائال تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2018.10.30 15:38   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېڭى دەۋرگە پائال تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 29- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى بولسا، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمىدۇر. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى بولسا، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر تۈرلۈك دائىملىق ۋە ئۇل خاراكتېرلىك خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى يېڭى دەۋرگە پائال تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە ئېلىمىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى سايلاپ چىقتى. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى ۋە مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پوزىتسىيەسى كەسكىن، ئىشەنچىسى قەتئىي، ھەمدە ھېسسىياتى تولۇق، روھى تولۇپ تاشقان بىر بەنزىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەمىمىي ھالدا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە ئۈمىد باغلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگەئائىت تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۆھپە يارىتىشىنى تەشكىللەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى