باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش باھانەسى بىلەن پايدا كۆزلەش قاتتىق جازالىنىدۇ

2018.10.31 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەير - ساخاۋەت بويىچە داۋالاش قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تىزىملىغان جامائەت پاراۋانلىقى خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى قانات يايدۇرغان ئاممىۋى پاراۋانلىق، خەير - ساخاۋەتلىك، قۇتقۇزۇش نامى بىلەن داۋالاش ، سەھىيە، ساغلاملىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ، نامدا مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش ئەمەلىيەتتە پايدا كۆزلەشتىن ئىبارەت خەير - ساخاۋەت قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاش لازىم.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەيرى -ساخاۋەت بويىچە داۋالاش قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك . ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى ئىچكى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ ، مەخسۇس فوندنى باشقۇرۇش نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەيرى ساخاۋەت بويىچە داۋالاش قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئاشكارا ، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ؛ ھەمكارلىشىپ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتى، داۋالاش سەۋىيەسى، خىراجەت باھاسى، ئىجتىمائىي باھالاش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ؛ ئاشكارا پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ؛ خەيرى ساخاۋەت بويىچە داۋالاش قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى ، ياردەم بېرىش مەزمۇنى ۋە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ،داۋالاش تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆپەيتىۋالغان، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش خىراجىتى ئۈچۈن ئارتۇقچە ھەق ئېلىپ زىيادە داۋالىغانلارغا قارىتا ، خەيرى - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى داۋالاش ئاپپاراتىدىن ۋاقتىدا تۈزىتىش ياكى ھەمكارلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر