باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى

2018.10.31 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 29 -كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، كۆرگەزمە ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى رەسمىي ئېلان قىلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى، قوشۇمچە مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ زىيىڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ھەم ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىكلەر، ھەم ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، راكقا قارشى يېڭى دورا قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق تېببىي دورا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بار. تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان مەھسۇلاتلار كۆپ بولغاندا 5000دىن ئاشىدۇ، بۇ ئىچكى ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئېشىش ئېھتىياجىنى بىر قەدەر ياخشى قاندۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنيادىكى تۇنجى ئىمپورتنى ئاساسىي تېما قىلغان چوڭ تىپتىكى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولۇپ، كۆرگەزمە ۋە مۇنبەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كۆرگەزمە دۆلەت سودا مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى يەنى دۆلەت كۆرگەزمىسى ۋە كارخانا سودا كۆرگەزمىسى، مۇنبەر يەنى خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد - سودا مۇنبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت كۆرگەزمىسى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، 82 دۆلەت، ئۈچ خەلقئارا تەشكىلات 71 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىدۇ، كۆرگەزمە كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر دۆلەت ئوبرازى، ئىقتىساد - سودا تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئالاھىدە ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. كارخانىلار كۆرگەزمىسى 7 كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنىدۇ، كۆرگەزمە كۆلىمى 270 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 130 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ھەققىدە توختام ئىمزالىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر