10- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگونىڭ لوس ئانجىلىستا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى شيې شىبو (ئالدىنقى رەت ئوڭدا) ئايرودۇرۇمدا ۋەتەنگە قايتىپ ماڭغان يولۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا (يانفوندا تارتىلغان) .
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «ئاي توشقىنى»نىڭ ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن سايپاندا تۇرۇپ قالغان كۆپ قىسىم جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر شۇ يەر ۋاقتى 29- چېسلا چۈشتىن كېيىن شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە سىچۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددىگە ئېلىنغان ئىككى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ سايپاندىن چېكىنىپ چىقىپ، سايپان خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىن ۋەتەنگە قايتماقچى بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى