باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئۆتەشتىن ۋاز كەچتى

2018.10.30 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، گېرمانىيە بېرلىندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ 29- ئۆكتەبىر بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى (خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى) پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، ئۇ ئەمدى پارتىيە رەئىسىلىك سايلام رىقابىتىگە قاتناشمايدىكەن، كەلگۈسىدە فېدېراتسىيە زۇڭلىسىلىق سايلام رىقابىتىگىمۇ قايتا قاتناشمايدىكەن.

  مېركىل شۇ كۈنى خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىزچىل پارتىيەنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ھۆرمىتى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئويلاۋاتقان بولۇپ، ئەمدى پارتىيەنىڭ رەئىسىلىك سايلام رىقابىتىگە قاتناشمايدىكەن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن. مېركىل، كەلگۈسىدىمۇ فېدېراتسىيە زۇڭلىسىلىق سايلام رىقابىتىگە قاتناشمايدىغان بولۇپ، «بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى زۇڭلىلىق ۋەزىپە مۇددىتىم»، دېدى.

  خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئەنئەنىسى بويىچە، پارتىيە رەئىسى بىلەن فېدېراتسىيە زۇڭلىسىنى ئادەتتە بىر ئادەم ئۈستىگە ئالىدۇ. مېركېل بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئەنئەنىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. جامائەتچىلىك مېركىل پارتىيەنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن فېدېراتسىيە زۇڭلىسىلىق ۋەزىپىسىدىنمۇ ئىستېپا بېرىدۇ، دەپ پەرەز قىلدى. بىراق، مېركېل شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مېركىل 1998-يىلىدىن 2000- يىلىغىچە خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ باش شۇجىسى بولغان، 2000-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. 2005-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيە زۇڭلىسى بولغان، كېيىن 2009- يىلى 10-ئايدا، 2013-يىلى 12-ئايدا، 2018-يىلى 3-ئايدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر