باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2018.10.26 17:02   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە كەڭ ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئىسلاھات تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، رىقابەتنى قوبۇل قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ھالقا شۇكى، يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز كېرەك. مۇھىت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، بىز ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  10-ئايدىكى گۇاڭدۇڭدا كۈزنىڭ سالقىن شامىلى چىقىپ تۇراتتى، ھەممە جايدىن دارچىننىڭ خۇشبۇي ھىدى كېلەتتى. 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى ۋە ئۆلكە باشلىقى ما شىنرۈينىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇخەي، چىڭيۈەن، شېنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كارخانا، ئالىي مەكتەپ، يېزا-كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇخەي خېڭچىن يېڭى رايونى گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىقىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى پەن-تېخنىكا كەسىپ باغچىسىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. بۇ كەسىپ باغچىسى «گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» بويىچە ئەمەلىيلەشكەن تۇنجى تۈر. شى جىنپىڭ ۋىدېيو، قۇم مودېلى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى مەھسۇلات كۆرگەزمىسى ئارقىلىق خېڭچىن يېڭى رايونىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمىتى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ سېخلارغا كىرىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى. تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش بىناسىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى باش شۇجىدىن بەس-بەستە ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى. جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى خەزىنىسىدىكى جەۋھەرلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خېڭچىن رايونى گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىقىدىكىدەك تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش لازىم.

  كەچقۇرۇن، شى جىنپىڭ گېلى ئېلېكتىر سايمانلىرى پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ مۇستەقىل يادرولۇق تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە زالى، نازۇك قېلىپ سېخىدا، بۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكا كۆرگەزمىسىنى ئەستايىدىل كۆردى، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپسىلەر، دەپ ماختىدى. شى جىنپىڭ ھاۋا تەڭشەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە سىستېما مەشغۇلاتىدا ئېنېرگىيە تېجەش دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدا پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۈيۈك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى تېز كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلارنى مۇستەقىل تىزگىنلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى