باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەلىئەھدى بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى مۇخبىرنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى ئۈستىدە تېلېفوندا مەسلىھەتلەشتى

2018.10.25 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەلىئەھدى مۇھەممەد 24-ئۆكتەبىر تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن مۇخبىرنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى ئۈستىدە تېلېفوندا مەسلىھەتلەشتى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد ۋە ئەردوغان تېلېفوندا ئىككى دۆلەتنىڭ كاشۇجىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى مەسلىسىدە زۆرۈر بولغان ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى مۇزاكىرە قىلغان. بىراق خەۋەردە تېخىمۇ كۆپ سۆھبەت مەزمۇنى ئاشكارىلانمىدى.

  بۇ مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى كاشۇجىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ 3-قېتىم ئەردوغان بىلەن تېلېفونلىشىشى بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان ئەردوغانغا تېلېفون قىلغان ئىدى.

  كاشۇجى بۇ يىل 59 ياشتا بولۇپ، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئەسەر بىلەن تەمىنلىگەن. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان بولۇپ، تەدرىجىي سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى بىلەن قارىمۇ قارشى تەرەپتە بولغان.

  10-ئاينىڭ 2-كۈنى، كاشۇجى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، تويغا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەن. ئۇ تۈركىيەلىك بولغۇسى ئايالى كاشۇجىنىڭ كونسۇلخانىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن «قايتا چىقمىغانلىقى»نى ئېيتتى. 20- ئۆكتەبىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەپتىش ئورگىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كاشۇجىنىڭ كونسۇلخانىدا باشقىلار بىلەن توقۇنۇشۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەلىكىدىكى دېلوغا چېتىشلىق 18 خادىم قولغا ئېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر