باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلىشى: يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۆتكەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلىدىغان بولدى

2018.10.25 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزىلارنىڭ ئاساسلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 22- چېسلا چۈشتىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك يىغىنىدا داۋاملىق قاراپ چىقىلىشىغا يوللاندى. مەزكۇر لايىھەدە، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۆتكەپ ئالماشتۇرۇشنى قوغداشتا، دۆلەت چوقۇم ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپنىڭ قانۇن بويىچە، ھەمدە ئىختىيارىيلىق بىلەن ۋە ھەقلىق ھالدا يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۆتكەپ ئالماشتۇرۇشىنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ بۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ ئېنىق بېكىتىلىدىغان بولدى.

  «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھالقىلىق جەھەت شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ "يۆتكەپ ئالماشتۇرۇش توختامى" ئارقىلىق ئېرىشكەن يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى قوغداش، ھەمدە ئۇلارنىڭ تىجارەت كۆزلىمىسىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملار كومىتېتى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، مۇنداق دەپ قارىدى: يەر باشقۇرۇشتىكى ئالاقىدارلارغا مۇئەييەن ھالدىكى تاللاش ھوقۇقىنى بېرىش زۆرۈر، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاپ گۇۋاھنامە تارقىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇلارغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى: يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۆتكەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش مۇددىتى بەش يىلدىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ ئالاقىدارلىرى تىزىملاش ئورگانلىرىغا بېرىپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرمىغانلار ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى شەخس بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

  ئۇندىن باشقا، ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا يەنە ئوت-چۆپلەر ۋە ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى ئۇزارتىش مۇددىتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا، پەقەت تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش توغرىسىدىلا بەلگىلىمە چىقىرىلغان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملار كومىتېتى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر بەلگىلىمىگە مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ قېلىش دېگەندە، بۇ چوقۇم ئوت-چۆپلەر ۋە ئورمان يېرىنىڭ ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىپ قوشۇپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى: ئوت-چۆپلەر ۋە ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئالدىنقى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ھالدا ئۇزارتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر