باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش چارىسى داۋالاش ساھەسىگىچە كېڭەيتىلدى

2018.10.25 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- چېسلا مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسىغا "لەۋزىدە تۇرمىغانلار" قارا تىزىملىككە يېڭىدىن كۆپەيتىپ كىرگۈزۈلگەن كىشىلەردىن 334 مىڭ كىشىنى يوللاپ بەرگەن بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەر لەۋزىدە تۇرمىغان 283 مىڭ سۇبيېكتقا چېتىلىدۇ، لەۋزىدە تۇرمىغانلار قارا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن سۇبيېكتلار 140 مىڭغا يېتىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن "لەۋزىدە تۇرمىغانلار" دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ ۋە ئېلان قىلىنىپ جازا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ سانى 12 مىليون 120 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، لەۋزىدە تۇرمىغانلىقتىن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشى چەكلەنگەنلەرنىڭ سانى 14 مىليون 780 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، لەۋزىدە تۇرمىغانلىقتىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشى چەكلەنگەنلەرنىڭ سانى بەش مىليون 240 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. باج تارماقلىرى جەمئىي 13 مىڭ 468 كىشىلىك بىر «قارا تىزىملىك»نى ئېلان قىلدى. بۇ «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرلەر ئىچىدىكى دەۋالاشقۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن باج، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ۋە مەمۇرىي جەرىمانە قاتارلىقلارنى تولۇق ۋە ئېنىق تاپشۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر «قارا تىزىملىك»تىن چىقىرىۋىتىلگەنلەرنىڭ سانى 1305غا يەتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلىمىز ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئۇلارنى ئېلان قىلىش ۋە ئاشكارىلاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى. 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسىغا يىغىلغان تۈرلۈك ئىناۋەت ئۇچۇرلىرى 28 مىليارد پارچىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، يىغىپ ئېلان قىلىنغان «قوش تەرەپلىك ئاشكارىلانغان» ئۇچۇرلار 120 مىليوندىن ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەمۇرىي ئىجازەتكە دائىر ئۇچۇرلاردىن 93 مىليون 240 پارچە، مەمۇرىي جازاغا دائىر ئۇچۇرلاردىن 32 مىليون 310 پارچە بار ئىكەن.

  ئۇندىن باشقا، داۋالاش ساھەسىدە بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش ئەسلەتمىسىمۇ رەسمىي ئىمزالاندى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 28 تارماق بىرلىكتە «نورمال داۋالاش تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىغا مەسئۇل كىشىلەرگە بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش ئەسلەتمىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا» ناملىق ھۆججەتنى بېسىپ تارقاتتى، دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆچىرەت نومۇر مەنبەلىرىنى ئېلىپ-سېتىش دېگەندەك نورمال داۋالاش تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىغا بىرلەشمە تەنبىھ بېرىشنى يولغا قويۇپ، "تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەبلەغ" جەھەتتىن قوللاشنى چەكلەشتەك 16 تۈرلۈك جازالاش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ ئەسلەتمە چىقىرىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىرلىكتە تەنبىھ بېرىشنىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرى ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر