باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى ئوباما بىلەن ھىلارى كلىنتونغا ئەۋەتىلگەن گۇمانلىق پوسۇلكىلارنى توسۇپ تۇتۇپ قالدى

2018.10.25 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ 24- چېسلادىكى باياناتىدا مۇنۇلار ئېلان قىلىندى: 23- چېسلا كەچتە ۋە 24- چېسلا سەھەردە ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى ھىلارى كلىنتون بىلەن ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تۇرالغۇسىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەۋەتىلگەن گۇمانلىق پوسۇلكىلار توسۇپ تۇتۇپ قېلىندى، پوسۇلكىلارنىڭ ئىچىدە پارتلىتىش قۇرۇلمىسى بار بولۇشى مۇمكىن.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى رەسمىيەتلىك يوللانمىلارنى تەكشۈرگەندە، گۇمانلىق پوسۇلكىلارنى بايقاپ قالغان، ھەمدە پارتلىغۇچ نەسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئىشقا سالدى. ئىككى پوسۇلكىنىڭ ھەممىسى نىشان ئورنىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەۋەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا ئىكەن.

  ئاق ساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى ساڭدىسى بىر باياناتتا بۇنى بىر «زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى»، دەپ ئەيىبلەپ، بۇ خىل قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىش ۋە تارقىتىش قىلمىشلىرى قەبىھ بولدى، دېدى.

  ھىلارى كىلىنتوننىڭ تۇرالغۇسى نىيۇيوركقا جايلاشقان، ئوباما بولسا، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئىككىسىنى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى قوغدىغاچقا، ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن پوچتىلارنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈلىدۇ. تاراتقۇلار ساقچى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: يەنە بىر نىيۇيورك ئىشتاتىدا تۇرىدىغان «پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تىمساھ» سوروس 22- چېسلا پارتلاتقۇچ نەرسىلەر قاچىلانغان بىر پوسۇلكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇ پوسۇلكىمۇ بۇ قېتىم ھىلارى كېلىنتونغا ئەۋەتىلگەن پوسۇلكا بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  ئامېرىكىدا پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش دېلولار كۆپ يۈز بېرىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ساقچى تەرەپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپقا ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن پوچتا يوللانمىلىرى ئىچىدىن ئابدىمىلىكتىن زەھەر ئايرىپ چىقىشقا بولىدىغان ئابدىمىلىك ئۇرۇقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خەت ئەۋەتكۈچى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر كونا ئەسكەر بولۇپ، ئۇ ساقچى تەرەپتىن تۇتۇلۇپتىمىش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر