خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 25- كۈنى، چاۋشيەن پىيوڭياڭدا چاۋشيەن خەلقى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا گۈل تەقدىم قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش خاتىرە كۈنى.
25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى تەرەپ پىيۇڭياڭ شەھىرى جياڭدۇڭ ۋىلايىتىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا قەبرىگاھ رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەردىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى