باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى تۈركىيە تاراتقۇلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.10.25 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 24- چېسلا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تاراتقۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىغا شىنجاڭغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، تاراتقۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، جۇڭگو ئالىملىرى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، دىن سىياسىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرىنى بايان قىلدى، ھەم شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھۋالى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول » قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېز بولىۋاتىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىدا شىنجاڭ تېخىمۇ زور كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مۇرات ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرلىرىنى بايان قىلدى، ھەمدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىققا ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى ماختىدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملىرى، ھەمدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە «سەھەر گېزىتى» قاتارلىق تۈركىيەنىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرى قاتارلىقلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى تۈركىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئەزەربەيجان بىلەن قازاقىستانغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر