10-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋاشىنگتوندا پائالىيەتكە قاتناشقاندا سۆز قىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق گۇمانلىق پوسۇلكا ۋەقەسىگە قارىتا، ترامپ شۇ كۈنى ئاقسارايدا مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ياكى تەھدىت سېلىش قىلمىشى ئامېرىكىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى نۆۋەتتە بۇ ئىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرمەكتە، چوقۇم بۇ «رەزىل قىلمىش»قا مەسئۇل كىشىنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىدۇ.
ئامېرىكىدا يېقىندا ئۈزلۈكسىز كۆپ قېتىم گۇمانلىق پوسۇلكا ۋەقەسى يۈز بەردى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CNN) نىڭ نيۇيورك مانخاتتانغا جايلاشقان ئىشخانا ئورنىدا 24-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن پارتلىتىش قۇرۇلمىسى قاچىلانغان پوسۇلكا بايقىلىپ، بىنا ئىچىدىكى خادىملار جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى. ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەت ئىدارىسى 24-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، 23-چېسلا كېچىدىن 24-چېسلا تۈنگىچە، ئايرىم-ئايرىم ھىلارى كلىنتون ۋە ئوبامانىڭ تۇرالغۇسىغا گۇمانلىق پوسۇلكا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، پارتلىتىش قۇرۇلمىسى بولۇشى مۇمكىن بولغان گۇمانلىق پوسۇلكىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى