باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«‹يېقىشلىق سۆزلەر›− باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.10.25 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇردانىلىرى __ باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت گېنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى»، «ئاكتىپ كۈچلەرنى ئۆز ئارا يەتكۈزۈپ، ياخشىلىق قىلىش ئىستىلىنى ۋەتەننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزدى»... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «بارچە ئېقىملار مۇنبىرى» ئالاھىدە پىروگراممىسى «‹يېقىشلىق سۆزلەر›− باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» تاماشىبىنلار ۋە تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  يۈننەن ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماركىسىزم-لېنىنىزم تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لەن ۋېنخۇا پىروگراممىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «يېپيېڭى تۇيغۇلارغا تويۇنۇپ، پۇخادىن چىقمىدىم، نومۇرلاردا ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە يۈكسەكلىكى ئىپادىلىنىپلا قالماي، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى، ئادەم بولۇش جاسارىتى، ئىش قىلىش ئۇسلۇبى، ئىلىم تەھسىل قىلىش پوزىتسىيەسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ياخشى نامايان قىلىنغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن دەۋر روھى ئۇچرىشىپ نۇرلانغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى پىروگراممىلارنىڭ ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  مەن يېزىدا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ھەقىقىي يىلتىز تارتىمەن

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن يۇرتداشلار ئىشىنىدىغان 1-شۇجىغىچە، 33 ياشقا كىرگەن ۋۇ شۇشياڭ 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىدا يىلتىز تارتتى. ئۇ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى گۇەنلىباۋ كەنتىدىكى يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، شۇ جايدىكى ئەسلىدە ياخشى باھادا ساتالمايۋاتقان ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچنىڭ نامىنى چىقاردى، تور سودا سۇپىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ داڭلىق ماركا بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە «شەخسىي زاكاز قىلىش» يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى.

  ۋۇ شۇشياڭ نومۇرنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى «خەلقنى مەركەز قىلىش»تەك سىياسەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام دەل ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يول، مەن يېزىدا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەمەلىي يىلتىز تارتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىمەن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر