باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ماقالىگىلا قاراش، ئۇنۋانغىلا قاراش، ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش، مۇكاپاتقىلا قاراش»قا ئەمدى خوش دەيمىز

بەش ئورۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تۆتكىلا قاراش»نى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

2018.10.25 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەتكۈچە تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ تۈگىتىش تەس بولغان «ماقالىگىلا قاراش، ئۇنۋانغىلا قاراش، ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش، مۇكاپاتقىلا قاراش» (تۆۋەندە «تۆتكىلا قاراش» دەپ قىسقارتىلىدۇ) ھادىسىسى بىلەن ئەمدى خوشلىشىدىغان بولدۇق.

  يېقىندا، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى قاتارلىق بەش ئورۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تۆتكىلا قاراش»نى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئۇزاقتىن بېرى، «تۆتكىلا قاراش» − تەتقىقات تۈرىنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش، ئاكادېمىك سايلاش قاتارلىق پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىدە ئومۇملاشقان بولۇپ، پەن-مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى مۇۋاپىق ئەمەس، ماقالىگىلا قاراش، ئۇنۋانغىلا قاراش، ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر»، دەپ كۆرسەتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئارقا- ئارقىدىن ھۆججەت چىقىرىپ، «تۆتكىلا قاراش» ھادىسىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ تۈر باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە: «ئەخلاق، ئىقتىدار، نەتىجە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ماقالىگىلا قاراش، ئۇنۋانغىلا قاراش، ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش، مۇكاپاتقىلا قاراش خاھىشىنى يېڭىپ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىگە باھا بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىنىڭ سۈپىتى، تۆھپىسى، تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم»، دەپ كۆرسىتىلدى. «گوۋۇيۈەننىڭ پەن تەتقىقات باشقۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياخشىلاشتىكى بىر قانچە تەدبىرىگە ئائىت ئۇقتۇرۇش»تا، «‹ماقالىگىلا قاراش، ئۇنۋانغىلا قاراش، ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش› مەسىلىسىنى مەركەزلىك ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇش» تەلەپ قىلىندى.

  مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغىنى، بۇ قېتىملىق مەخسۇس ھەرىكەتتە، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئالدى بىلەن «ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلدى» −

  1. پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى: پەن-تېخنىكا پىلانىدىكى تۈرلەر، ئىختىساسلىقلار تۈرى، بازا بەرپا قىلىش، ئاپپاراتلارنى باھالاش، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى ۋە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش، خادىملارنىڭ نەتىجە ئۈنۈملىرىنى سىناش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە چېتىلىدىغان «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى.

  2. مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتۇش پەنىنى باھالاش، «قوش ئەلا» قۇرۇلۇشى، بازا بەرپا قىلىش، نەتىجىلەرنى مۇكاپاتلاش، ئىختىساسلىقلار تۈرى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە چېتىلىدىغان «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى. قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشتىكى «تۆتكىلا قاراش»قا چېتىشلىق ئۇسۇللارنى تازىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  3. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئىختىساسلىقلار تۈرى، ئۇنۋان باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە چېتىلىدىغان «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى.

  4. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش، ئىستراتېگىيەلىك باشلامچى پەن-تېخنىكا مەخسۇس خىراجىتى، تەتقىقات ئورۇنلىرىنى باھالاش، ئىختىساسلىقلار تۈرى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە چېتىلىدىغان «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى؛ قاراشلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشتىكى «تۆتكىلا قاراش»قا چېتىشلىق ئۇسۇللارنى تازىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  5. قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى: ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە چېتىلىدىغان «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى.

  6. تەبىئىي پەن فوندى ھەيئىتى: پەن-تېخنىكا پىلان- تۈرلەرنى باشقۇرۇشتىكى «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى.

  7. جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى: ئاكادېمىكلارنى تەۋسىيە قىلىش، ئىختىساسلىقلار تۈرى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە چېتىلىدىغان «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى.

  8. كەسىپكە مەسئۇل تارماقلار: ئاپپاراتلارنى باھالاش، ئىختىساسلىقلار تۈرى ۋە خادىملارنى باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەردىكى «تۆتكىلا قاراش» ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تازىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر