باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۈيلىن: لىجياڭ دەرياسىنىڭ يېڭىچە قىياپەتتە تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسى پۈتۈشى

2018.10.25 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «گۈيلىننىڭ تاغ-دەريالىرى تەڭداشسىز»، گۈزەل تاغ-دەريالار گۈيلىننىڭ نام كارتىسى.

  ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن بىرگە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گۈيلىن ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇنىڭغا جاۋاب بەردى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، لىجياڭ دەرياسىنى قوغداشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، تەبىئەت بىلەن ئىجتىمائىينى ماس ئىلگىرى سۈرۈش.

  بۈگۈنكى گۈيلىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش جانلىق ئەمەلىيىتى بىلەن، «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەننىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى يېشىپ بەرمەكتە.

  ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ، لىجياڭ دەرياسىنىڭ «ياشلىق باھارى»نى ئۇرغۇتۇش

  چىشىڭ رايونى زىجۇ باغچىسى ئەتراپىدىكى بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن جاۋ زۇجىن مۇنداق دېدى: ئۆيىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى كېمە ھەيدەپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، مەن 14 يېشىمدا بۇ يەرگە كېلىپ كېمە ھەيدىگەن. ئەينى ۋاقىتتا بېلىق تۇتۇش ۋە كېمە ھەيدەشكە تايىنىپ جان باقاتتۇق، كېمىدە تۇراتتۇق، مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، تاشقىن كۆتۈرۈلگەندە، ئۇخلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق.

  2016-يىلى، جاۋ زۇجىن بىر ئائىلىلىك يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 70 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، 150 مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، ھازىر لىجياڭ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ سىرتىدا، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە باقمىچىلىق مەيدانى ئېچىشقا تەييارلىق قىلماقتا. جاۋ زۇجىن سىم-سىم يامغۇردىكى سۈپسۈزۈك لىجياڭ دەرياسىغا قاراپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مەينەت ئىدى، ئۆزىمىزنىڭمۇ قارىسىغۇ كەلمەيتتى، بىز كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاز دېگەندە ئون ھەسسە پاكىزلىنىپتۇ.

  لىجياڭ دەرياسىنىڭ شەھەر بۆلىكىدىكى كېمىچىلىك كەسپى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قىسمەن بېلىقچىلار كېمىنى ئۆي قىلىپ، يەپ-ئىچىش، يېتىپ-قوپۇشنىڭ ھەممىسىنى كېمىدە قىلغاچقا، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىۋاسىتە لىجياڭ دەرياسىغا قويۇلۇپ بېرىلەتتى. 2016-يىلى گۈيلىن شەھىرى لىجياڭ دەرياسىنىڭ شەھەر بۆلىكىدىكى كېمىدە تۇرۇشنى تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭغا 26 مىليون 320 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 112 بېلىقچىلىق ئائىلىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دەريادا لەيلەپ يۈرىدىغان تۇرمۇشقا خاتىمە بەرگۈزۈپ، لىجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتى ۋە مەنزىرە مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

  گۈيلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ لېچىن مۇنداق دېدى: لىجياڭ دەرياسى گۈيلىننىڭ يادرو ئىچىدىكى يادروسى، رىقابەت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، لىجياڭ دەرياسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى مۈشكۈل، بۇرچى شەرەپلىك. «لىجياڭ دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»، «گۈيلىن لىجياڭ داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2013-يىلدىن 2025-يىلغىچە)»لەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، لىجياڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىندى، لىجياڭ دەرياسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك تازىلىق قاتارلىق تۈزۈم ئىسلاھاتلىرى يولغا قويۇلدى، لىجياڭ دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشى داۋاملىق نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى...

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر