باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېشىل تەرەققىياتنى كارخانىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرايلى

2018.10.22 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹1–ئاۋغۇست›› پولات –تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق مۇھىت ئاسراش ئومۇمىي سېلىنمىسى 540 مىليون يۈەنگە، ئالدىنقى يېرىم يىللىق پايدا ئومۇمىي سوممىسى 364 مىليون يۈەنگە يەتكەن. كارخانا مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسىنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماي، ئەكسىچە كارخانىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

  مۇھىت ئاسراش تىلغا ئېلىنسا، بەزى كارخانىلار كۆز ئالدىدىكى ھېساباتنىلا قىلىپ، قىسمەن ھېساباتنىلا قىلىپ، ئۇنداق ھېسابلاپ–بۇنداق ھېسابلاپ، ئاخىرىدا مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزەشنى گۇڭ كۆتۈرمەيدىغان ‹‹زىيان تارتىدىغان سودا›› دەپ قارىغان. ‹‹1–ئاۋغۇست›› پولات–تۆمۈر چەكلىك شىركىتى چوڭ ھېسابات قىلىپ، كەلگۈسى ھېساباتنى قىلىپ، مۇھىت ئاسراشنى پايدا بېرىدىغان ‹‹سودا››غا ئايلاندۇرغان. ‹‹1–ئاۋغۇست›› پولات–تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: يېشىل تەرەققىيات كارخانىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى.

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ماھىيىتى يېشىل بولۇشى كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ، كارخانىلاردىن ئىلگىرىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىنىشى ئېغىر، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى كۆپ بولۇشتەك كونا يولدىن تەلتۆكۈس ۋاز كېچىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىغا مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېشىل تەرەققىيات شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يولىدۇر. ‹‹1–ئاۋغۇست›› پولات–تۆمۈر چەكلىك شىركىتى يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەقلىي ياسىمىچىلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، قالاق ئۈسكۈنىلەرنى شاللاپ، مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كىشى بېشى پولات–تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 2016–يىلىدىكى 527 توننىدىن 2017–يىلىدىكى 867 توننىغا يەتكۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى %64.5 ئۆستۈردى. مانا بۇ تىپىك مىسالدۇر.

  مۇھىت ئاسراش بىلەن تەرەققىيات بىر–بىرىگە زىت ئەمەس. ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى دەۋردە، بارغانسېرى كۆپ كارخانا يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىياتتىن ئۈنۈمگە ئېرىشتى، يېشىل تەرەققىيات كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئېرىشىشىدىكى يېڭى ئەۋزەللىككە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر