10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا، يېڭىدىن سايلانغان ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ (ئالدىدا) قەسەم بېرىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋىيېتنام 14-نۆۋەتلىك پارلامېنتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى 23-ئۆكتەبىر پايتەخت خانويدا بېلەت تاشلاپ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭنى ۋىيېتنامنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسىلىكىگە سايلىدى، رۇەن فۇجۇڭ ئارقىدىن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى