باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش

2018.10.23 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ، ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىش تەدبىرى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش دېدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى : ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىشكە ئۇرۇندى، بىراق رۇسىيە كۆپ قېتىم ئامېرىكىنىڭ بۇ سۇيىقەستىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكىنىڭ تەلۋىلەرچە ئىنتىلىشى يەككە قۇتۇپلۇق دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش، لېكىن بۇ، ھازىرقى دۇنيادا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» بىلەن باشقا خەلقئارا شەرتنامىلەردىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ نۇقتىسى ئوخشاش، چۈنكى بۇ خەلقئارا شەرتنامىدە ئامېرىكا بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئورنى باراۋەر دەپ بېكىتىلىپ، ئامېرىكىغا ئىمتىيازلىق ئورۇن بېرىلمىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر