- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىشتا جۇڭگو تەرەپنى تارتىپ چىقىش پۈتۈنلەي خاتا، دېدى
2018.10.23 17:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 22-ئۆكتەبىر: شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپنى چېتىۋېلىپ، ئۇنى-بۇنى دېيىش پۈتۈنلەي خاتا، دېدى.
قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ سايلام يىغىلىشىغا قاتناشقاندا، رۇسىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»گە ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كەلدى، رۇسىيە ۋە جۇڭگو ئەمدى داۋاملىق تەتقىق قىلماسلىققا ۋەدە بەرمىسە، ئامېرىكا بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ ھەمدە ئامالسىز بۇ قوراللارنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ، دېدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھاسىل قىلغان ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشتىكى مۇھىم شەرتنامە. بۇ شەرتنامە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى پەسەيتىش، يادرو قوراللارنى قىسقارتىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەتتا دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شەرتنامىدىن بىر تەرەپلىك چىقىپ كېتىش كۆپ تەرەپلىك پاسسىپ تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر