خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- ئۆكتەبىر، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەھرىراتىنىڭ مەسئۇللۇقىدا ۋە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» يازغۇچى-تەرجىمانلار كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى يې مېي، جۇڭگو يازغۇچىلىرى نەشرىياتچىلىق گۇرۇھى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باۋ جيەن، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىقى تەرجىمانلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋەنيىڭ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى چېن ياجۈن، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىن ئەخمەت، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى مۇھەررىرلەر ھەيئىتىدىن ئەكبەر غۇلام، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى توپلىمى» ژورنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى دىلمۇرات تەلئەت قاتارلىقلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى خا ۋېن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى كۇرس ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، جەمئىي 20 نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە تەرجىمان بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشتى. مەزكۇر كۇرستىكى دەرسلەر ئۇيغۇرچە ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەستايىدىللىق بىلەن پىلانلانغان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، لياڭ خۇڭيىڭ، ئەكبەر غۇلام، ئىمىن ئەخمەت ۋە دىلمۇرات تەلئەت قاتارلىق داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار دەرس سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، سۆھبەتلەر، مۇھاكىمىلەر ۋە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش دېگەندەك ئەدەبىيات پائالىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ كۇرس پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى