- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلدى
2018.10.23 08:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيەدىكى خەۋەردار ئەربابلارنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئېيتىشىچە: ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى شۇ كۈنى بۇ تەشكىلات سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋىيدا ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلغان ئالتە نەپەر تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەن. ئىگىلىنىشىچە: ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار دىنىي ئەربابنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىسلام دۆلىتى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندە تۇتقۇن قىلغان ئىككى ئايال بىلەن تۆت بالىنى قويۇپ بەرگەن، ئۇلار سۇۋىيدا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى شەبىق كەنتىدىكى پۇقرالار بولۇپ، نۆۋەتتە قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلار يۇرتىغا قايتقان. بۇ، بۇ يىل 7-ئايدا ئىسلام دۆلىتى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغاندىن بۇيان تۇنجى تۈركۈمدە قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلار ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر