10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومبايدا مېھمانلار «بېيجىڭ كىنو كېچىلىكى»نى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
«بېيجىڭ كىنو كېچىلىكى» پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ھىندىستاننىڭ بومبايدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە بېيجىڭ ۋە بومبايدىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدە تېخىمۇ كۆلەملەشكەن ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش مەقسەت قىلىندى.