باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېيىنكى نۆۋەتلىك جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا «شياڭگاڭ مەدەنىيەت ھەپتىسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.10.22 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-نۆۋەتلىك جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمىنىڭ 10-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى 11-ئايدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا «شياڭگاڭ مەدەنىيەت ھەپتىسى» ئۆتكۈزىدىكەن، شياڭگاڭ دىراما ئۆمىكى تەييارلىغان «كاتتا زىياپەت»، شياڭگاڭ بىلەن شاڭخەيدىكى تىياتىر ئۆمەكلىرى ھەمكارلىشىپ تەييارلىغان «ئاق يىلان قىز» قاتارلىق شياڭگاڭنىڭ يەتتە سەھنە ئەسىرى ئورۇنلىنىدىكەن.

  «شياڭگاڭ مەدەنىيەت ھەپتىسى» شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت 2019-يىلى 11-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزىدىغان «شياڭگاڭ بايرىمى 2019__شاڭخەيدە كۆرەك»دىكى يارقىن پائالىيەت بولىدىكەن. «شاڭخەيدە كۆرەك» پائالىيىتىدە ئويۇن قويۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىشقا قاتنىشىدىغان شياڭگاڭ سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ قوشۇنى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، شاڭخەي بىلەن شياڭگاڭنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ياشلىق ھاياتىي كۈچى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، شياڭگاڭنىڭ سەنئەت جەۋھەرلىرى نامايەن قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر