باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2018.10.22 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋاب خەت

  «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىدە تەقدىرلەنگەن پۇقراۋى كارخانىچىلارغا:

  ياخشىمۇ سىلەر، خېتىڭلارنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. بارغانسېرى كۆپ پۇقراۋى كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاكتىپلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بەس-بەستە ئاتلانغانلىقىنى، نۇرغۇن نامرات ئاممىغا ياردەم بېرىپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پۇقراۋى كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى،

  پۇقراۋى ئىگىلىك كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، مۇقىم ئېشىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ئۆچمەيدۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىنكار قىلىدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق سۆز ۋە ئۇسۇلنىڭ ھەممىسى خاتا.

  پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان فاڭجېنى، بۇ نۇقتىدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ دەۋرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دىققىتىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2018-يىلى 10–ئاينىڭ 20–كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10– ئاينىڭ 21–كۈنى تېلېگراممىسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10–ئاينىڭ 22–كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10–ئاينىڭ 20–كۈنى «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىدە تەقدىرلەنگەن پۇقراۋى كارخانىچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بەس–بەستە ئاتلانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كەڭ كارخانىچىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كارخانىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بارغانسېرى كۆپ پۇقراۋى كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاكتىپلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بەس–بەستە ئاتلانغانلىقىنى، نۇرغۇن نامرات ئاممىغا ياردەم بېرىپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پۇقراۋى كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پۇقراۋى ئىگىلىك كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، مۇقىم ئېشىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ئۆچمەيدۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىنكار قىلىدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق سۆز ۋە ئۇسۇلنىڭ ھەممىسى خاتا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان فاڭجېنى، بۇ نۇقتىدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ دەۋرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دىققىتىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر