باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجىلىق ئىككى قازاق يىگىت ۋېلسىپىت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ، غەلىبىلىك يېنىپ كەلدى

2018.10.22 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاق يىگىتى نۇراش قۇۋانشباي ۋە ئايدىن قەھرىمان 11 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىپ چىقتى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان دوستى توقاۋ ئىۋەش ۋە باشقا يېقىن دوستلىرى غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

  توقاۋ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھەقىقەتەن بىز قىلىشنى ئارزۇ قىلغان، لېكىن قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشنى قىلدى، بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز.»

  8-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، نۇراش ۋە ئايدىن ۋېلسىپىت مىنىپ بايانداي بازىرى قۇرۇقئېرىق كەنتى يول ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى، نۇراشنىڭ ۋېلسىپىتىدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى.

  11 ئاي ئۇزاق يول يۈرۈشتىن كېيىن، ئىككەيلەننىڭ تېرىسى قارىدىغان، تېنى چارچىغان بولسىمۇ، لېكىن روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، نەچچە ئاي كۆرمىگەن دوستلىرى ئۇلارنى ئورىۋېلىپ، ھال-ئەھۋال سوراشتى، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ يۈك-تاقىلىرى ئارتىلغان، ئېغىرلىقى 60 كىلوگرامغا يېقىن ۋېلسىپىتىنى مىنىپ باققۇسى كەلدى، دوستلىرى بۇ ئىككەيلەن بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردى ھەم بۇ ئىككى يىگىتنىڭ مەملىكەتنى ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىپ كەلگەنلىك خەۋىرىنى تارقاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر