باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا ماسلاشتۇردى

2018.10.22 16:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ جايغا يىراقتىن قارىسىڭىز، مۇنارسىمان باكلار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، دەرەخلەر بىلەن ئورالغانىدى، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى. 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، مەن ۋۇجياچۈ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان شىنيې گۇرۇھى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كەلدىم. بۇ ‹‹يېشىل›› بولۇشنى ئاساس قىلغان زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى بولۇپ، كارخانىنىڭ مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %10ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، داشقال چىقىرىشى ئۇدا يەتتە يىل ئۆلچەمگە يەتكەن.

  شىنيې گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋەن جېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن قاراشنى قەلبىمىزگە مەھكەم پۈكسەكلا، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بىلەن ئەنئەنىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ ئەڭ زور پەرقى پاكىزلىقتا، بولۇپمۇ ‹‹ئۈچ كېرەكسىز››نى تەشكىللىك بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  مۇھىت ئاسراشتا نەتىجە ياراتقاندىلا، ئۈنۈمنى ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرغىلى بولىدۇ. شىنيې گۇرۇھى ئەمەلىي مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. ئۇلار مۇھىت ئاسراشنى ‹‹بىرىنچى قول›› قۇرۇلۇش سۈپىتىدە تۇتۇپ، بارلىق تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىت ئاسراشنى يېتەكچى قىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ھەپتە، ئاي، پەسىل، يىل بويىچە قاتتىق باھالاپ، ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش››نى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش كۆرسەتكۈچى دۆلەت ئۆلچىمىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، كېرەكسىز سۇدىن زاۋۇت ئىچىدە تەكرار پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، داشقالنى يەرلىك ھۆكۈمەت بىرتۇتاش يىغىۋېلىپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ياسىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن كۆمۈر، سۇ قاتارلىق ئاساسلىق خام ئەشيالارنىڭ سەرپىياتى بىردەك ساھەنىڭ سەرپىيات ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولدى.

  ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، مۇھىت ئاسراشنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. مۇھىت ئاسراش سېلىنمىغا موھتاج. بۇ، كارخانىلاردىن تۈر تاللىغاندا مۇھىت ئاسراش بىلەن ئۈنۈمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۈر تۇرغۇزغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئالدى بىلەن مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى بىلەن ھاسىلات ئۈنۈمى جەزمەن بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاخىرىدا ‹‹1، 4 – بۇتاندىئول››دىن ئىبارەت بازار ئېھتىياجى زور، پايدىسى مۇقىم بولغان مەھسۇلاتنى بېكىتتى. شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك كۆمۈر خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالمىدى، مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىل سېتىش سوممىسى 3 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 300 مىليون يۈەنگە يېقىن پايدا، 400 مىليون يۈەن پايدا – باج يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ كارخانىنى ‹‹دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ – ئوتتۇرا تىپتىكى زامانىۋى ئۈلگىلىك كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىسى›› دەپ بېكىتتى، ۋەن جېڭ: ‹‹چوڭ – ئوتتۇرا تىپتىكى›› ۋە ‹‹زامانىۋى›› بولۇش كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ تېخنولوگىيە سەۋىيەسى ۋە سېلىنما ئۈنۈمىگە ئېنىق تەلەپ قويدى، ‹‹ئۈلگىلىك بولۇش›› كارخانىدىن مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە قوش ھوسۇل ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى. ما جىنرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنىڭ قاتتىق بولۇشى كارخانىلارغا بوسۇغا بېكىتىش بولماستىن، بەلكى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يول ھازىرلاپ بەرگەنلىك. سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولغاندىلا، بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – شىسى ۋۇجياچۈ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار چى شىنپىڭ مۇنداق دېدى: شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانا كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئۈنۈمنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ، مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر